ئامېرىكا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىدىن بىئارام بولماقتا

خىتاي بىلەن رۇسيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەربىي ساھەگە سېلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك مەبلەغلىرى ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتماقتا.

290720
ئامېرىكا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىدىن بىئارام بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىدىن بىئارام بولماقتا.
خىتاي بىلەن رۇسيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەربىي ساھەگە سېلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك مەبلەغلىرى ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتماقتا.
ئىجتىمائى تارتقۇلاردا چىققان خەۋەرلەردە بۇ ھەقتە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى:
ئامېرىكا گېنېرالى مارك ۋېلش خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىشتە بولدى.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى گېنېرالى مارك ۋېلش رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان ھەربىي تەسىرى ھەققىدە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۈردى.
گېنېرال مارك ۋېلش ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا «Fox News» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بايانات بەردى.
ئۇ سۆزىدە: «خىتاي بىلەن رۇسىيە ئالدىمىزدىكى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ھەربىي ئىقتدارىنى ئاشۇرىدۇ. كەلگۈسىدە دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرلىرى بولىدۇ» دېدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىلىق مەسئۇللار خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىگە بولغان ئەندىشلىرىنى تىلغا ئېلىشقا باشلىدى.
خىتاي ھەربىي خامچۆت ئۈچۈن ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا 3 ھەسسە كۆپ، رۇسىيە بولسا 7 ھەسسە كۆپ مەبلەغ ئاجراتماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر