بوكو ھارام يەنە 43 جانغا زامىن بولدى

بوكو ھارام تېررورچىلىرى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بورنو ئۆلكىسىنىڭ بەزى يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 2 سى كىچىك بالا جەمئىي 43 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.

290833
بوكو ھارام يەنە 43 جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېزا ئاھالىسى، بوكو ھارامنىڭ بۇ قېتىم ئۆتكەن ئايدىكى ھۇجۇمىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ غەلىبە قىلغان خەلقتىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

نىگېرىيە ئارمىيەسى ئۆتكەن ئاي نىگېر ۋە چاد ئەسكەرلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئاداماۋا، بورنو ۋە يوبې ئۆلكىلىرىدىكى بوكو ھارامنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان جايلارنى قايتۇرۇۋالغان ۋە تەشكىلات تەرىپىدىن سامبىسا ئورمانلىقىدا ئەسىر سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مىڭغا يېقىن ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالغانىدى. ئۇ قېتىملىق ھەرىكەتنى يېزا ئاھالىسىدىن تەشكىل تاپقان مۇداپىئە ئەترىتىمۇ يېقىندىن قوللىغانىدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن، رايون ئاھالىسى چېگراغا يېقىن يەردىكى كامېرونغا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بوكو ھارامنىڭ 2014 – يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيانقى نىگېرىيەدىكى ھۇجۇملىرىدا 7300 دىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر