خېنەندىكى بىر پاراۋانلىق ئورنىدا قورقۇنچلۇق ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان خېنەن ئۆلكىسىدىكى بىر ياشانغانلار پاراۋانلىق ئورنىدا قورقۇنچلۇق ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
288877
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياتاقلار قىسمىدا باشلىنىپ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا پۈتۈن بىناغا كېڭەيگەن ئوت ئاپىتىدە 38 ئادەم ئۆلدى، ئىككىسىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 6 ئادەم يارىلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.