ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتمەكچىمۇ؟

خاتا ھالدا گېزىتلارغا يوللىنىپ قالغان خەت – چەكلەر تۈپەيلى ئاشكارىلىنىپ قالغان بۇ ئەھۋالنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىمۇ ئېتىراپ قىلدى.

288559
ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتمەكچىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى خەلقنىڭ رايىغا سۇنۇش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەنگلىيە مەزكىزىي بانكىسىنىڭمۇ بۇنىڭغا قارشى تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
خاتا ھالدا گېزىتلارغا يوللىنىپ قالغان خەت – چەكلەر تۈپەيلى ئاشكارىلىنىپ قالغان بۇ ئەھۋالنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىمۇ ئېتىراپ قىلدى.
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مەسىلىسى 2017 – يىلى خەلقنىڭ رايىغا قويۇلىدىغان سايلامدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزى پۇقرالىرى ئاۋاز بېرەلمەيدۇ.
ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئىرېلاندىيە، شىمالىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى، مالتا ۋە بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت پۇقرالىرى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدۇ، بىراق ئەنگلىيە سىرتىدا تۇرۇشلۇق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
بۇ ئارىلىقتا ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى داۋىد كامېروننىڭ خەلقنىڭ رايىغا قويۇش پىلانىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر