ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاچلىق ئېلان قىلدى

ۋېنېزۇئېلادا ئۇدا 15 ئايدىن بۇيان قاماقتا يېتىۋاتقان ئۆكتىچىلەر رەھبىرى لېئوپولدو لوپېز ئاچلىق ئېلان قىلدى.

288125
ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاچلىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوپېز، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغانلىقى ئۈچۈن رامو ۋېردې ھەربىي تۈرمىسىگە قامالغانىدى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لىلىئان تىنتورى لوپېزنىڭ تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلىرىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدە ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، لىلىئان جازاغا ئۇچرىدى. ۋېنېسۇئېلادا ئۆتكەن يىلقى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر