ياۋروپا كېڭىشى تۈركچىنى رەسمىي خىزمەت تىلى قاتارىغا كىرگۈزدى

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى، تۈركچىنى رەسمىي خىزمەت تىلى، دەپ قوبۇل قىلىشنى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئەزا سانىنى 12 دىن 18 گە كۆتۈرۈشنى مەزمۇن قىلغان قانۇننى ماقۇللىدى.

285881
ياۋروپا كېڭىشى تۈركچىنى رەسمىي خىزمەت تىلى قاتارىغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەشنىڭ دائىمىي كومىتېتى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايبوسنادا چاقىرىلغان يىغىنىدا تۈركىيە توغرىسىدا مۇھىم قارارلارنى چىقاردى. كومىتېت بېلەت تاشلاش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئەزا سانىنى 12 دىن 18 گە كۆتۈرۈشنى ماقۇللىدى. بۇ قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەگە ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدە ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە رۇسىيەگە ئوخشاشلا 18 پارلامېنت ئەزاسى ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىدا تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۈچىنچى چوڭ دۆلىتى بولۇشى مۇھىم رول ئوينىدى. دائىمي كومىتېت يەنە، ئىتالىيەچە، رۇسچە ۋە نېمسچىدىن كېيىن تۈركچىنىمۇ رەسمىي خىزمەت تىلى، دەپ قوبۇل قىلدى. تۈركچىنىڭ خىزمەت تىلىغا ئايلىنىشى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي كېڭەشتىكى يىغىنلار تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىدۇ، يىغىننىڭ دوكلاتلىرى تۈركچىدىمۇ نەشىر قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي كېڭەشتە تۈرك تىلىدا سۆز قىلىدۇ.

تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدە تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ دائىمىي بىر مۇئاۋىن باشلىقىمۇ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

قارارنى ياۋروپا كېڭىشى ۋەكىللەر كومىتېتىنىڭ ئىيۇن ئېيى ئىچىدە شەكىل جەھەتتىن ئاۋازغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە.

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ 47 دۆلەتتىن جەمئىي 318 پارلامېنت ئەزاسى بار. تۈركىيە 1949 – يىلىدىن بۇيان ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئەزاسىدۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر