مېكسىكىدا ساقچىلار بىلەن ئەتكەسچىلەر  ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى

مېكسىكىدا زەھەرلىك چېكىملىك گوروھلىرى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 44 ئادەم ئۆلدى.

285537
مېكسىكىدا ساقچىلار بىلەن ئەتكەسچىلەر  ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىلىق ئالاقىدار ئەمەلدارلار، توقۇنۇشنىڭ مىچۇاكەن ئۆلكىسى بىلەن جالىسكو ئۆلكىسى ئارىسىدىكى رايوندا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى؛ 2 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزكۇر توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك گوروھى ئەزالىرى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

مېكسىكىدا يېقىندىن بۇيان قارا گوروھلار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار كۆپىيىپ كەتتى. گويا بىر ئارمىيەدەكلا ھەرىكەت قىلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى پات – پات مېكسىكا ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ.

مېكسىكىدا 2007 – يىلىنىڭ مابەينىدە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر