ئەسەد كۈچلىرى يەنە ۋاكۇئۇم بومبىسى ئىشلەتتى

سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىدلىبنىڭ دارقۇش بازىرىغا ۋاكۇئۇم بومبىسى تاشلىدى.

282004
ئەسەد كۈچلىرى يەنە ۋاكۇئۇم بومبىسى ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىدلىبنىڭ دارقۇش بازىرىغا ۋاكۇئۇم بومبىسى تاشلىشى نەتىجىسىدە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 ئادەم يارىلاندى.

سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاب كېڭىشىنىڭ ئۆكتىچى تەشكىلاتلارغا مەسئۇل ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىر بازارغا تاشلانغان ئۈچ ۋاكۇئۇم بومبىسى ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان كۆپ ساندا كىشىنىڭ تۈركىيەدىكى دوختۇرخانىلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بۇ جەرياندا ھۇجۇمدا يارىلانغان بىرى بوۋاق جەمئىي 5 كىشى جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە ئېلىپ كېلىندى. سەھىيە خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يارىدارلار دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىدلىبنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان كۆپلىگەن ئاھالىلەر رايونىدا ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر