سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى چوڭ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى
سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى يېقىنقى ئىككى ئايدا ئىدلىب، ھەلەب، كالامۇن ۋە دەرئا قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۇرۇش سەپلىرىدە چوڭ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋادى دايف ۋە ھامىدىيە قاتارلىق ھەربىي بازىلىرىنى قوزغىلاڭچىلارغا تارتقۇزۇپ قويغان بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ چوڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشقا باشلىدى. سۈرىيە فەتىھ ئارمىيەسىنىڭ قىسىملىرى تەخمىنەن 1 يېرىم ئاي بۇرۇن بەش كۈن داۋام قىلغان ئۇرۇشتىن كېيىن، ئىدلىبنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا چۈشۈردى، ئارقىدىنلا جىسر ئەششۇغۇرمۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.
سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ماستۇمانىڭ كونتروللۇقىنى قولغا چۈشۈرۈشى، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپلا قالدى. قوزغىلاڭچىلار ھەلەبتە بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىۋاتقان ئىران تەرەپدارى ھىزبۇللاھ كۈچلىرىگە قارشى زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. قوزغىلاڭچىلار دەرئادا بولسا، مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/de7a/4a07/b475/666eac96c0472.jpg?time=1719215749)
ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلش جەريانىدا 1301 كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.