رۇسىيە ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە زور ئوڭۇشسىسزلىققا ئۇچرىدى

رۇسىيەدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر سۈننىي ھەمراھ سىبىرىيەدە چۈشۈپ كەتتى.

277846
رۇسىيە ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە زور ئوڭۇشسىسزلىققا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ خەلقئارا ئالەم ئىستانسىسىنىڭ ئوربېتاسىنى بىر ئاز ئۈستىگە كۆتۈرۈش تىرىشچانلىقى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.
ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، رۇسىيە روكېتى ئارقىلىق قويۇپ بېرىلگەن مېكسىكىغا تەۋە بىر سۈننىي ھەمراھ سىبىرىيەگە چۈشۈپ كەتتى. رۇسىيەنىڭ بايكوۇر بازىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن سۈننىي ھەمراھ، دەسلەپكى 2 روكېتىدىن ئايرىلدى، بىراق 161 كىلومېتىر ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ بولغاندا، ئۈچىنچىسىدىن ئاجراپ چىقالمىدى. نەتىجىدە سۈننىي ھەمراھ چۈشۈپ كەتتى.
مېكسىكىلىق مەسئۇللار بۇ سۈننىي ھەمراھنىڭ سوغۇرتاغا قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى، چىقىمنى قايتۇرۇپ ئالالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. رۇسىيە بۇ قېتىمقى ئوڭۇشسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىققۇچە، سۈننىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش خىزمىتىنى توختىتىپ قويدى.
تاشقى پىلانتقا تۇنجى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەن ۋە تۇنجى سۈننىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەن رۇسىيە، بۇ ساھەدىن يىلدا نۇرغۇن كىرىم قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر