قەرزاۋى «ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق» دېدى

يۇسۇف قەرزاۋى مىسىر سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرسى ئۈستىدە بەرگەن ئۆلۈم جازاسى قارارىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

277917
قەرزاۋى «ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى رەئىسى قەرزاۋى، مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق، ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
ئۆزىنىڭ زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىنىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقنى ئېيتقان قەرزاۋى «ئىنسانلارنىڭ زالىم ۋە باتىلغا قارشى ھەرىكەت قىلىش، ئىنقىلاپ قىلىش ھەققىي باردۇر» دېدى.
ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىماد شاھىنمۇ سوتنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ ئۆلۈم جازاسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەركىزى جەنۋەدە بولغان ئەل كەرامە خەلقئارا قانۇن مەركىزى مىسىر مەسئۇلى ئەھمەد مۇفاررەب، ئۆلۈم جازاسى قارارىنىڭ سوتنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە زەربە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىك كېڭىشى مۇئاۋىن رەئىسى ھايرات شاتىرنىڭ قىزى ئايشەمۇ «دادام، پىرىزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى، باشقا ئىنقىلابچى ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى، مىسىردا ئادالەتكە سۇيىقەست ۋە فاشىزمنى ئىپادە قىلىدۇ» دېدى.
مىسىرلىق يازغۇچى جەمال سۇلتان مۇرسىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىدا يوقۇتۇپ قويغۇچى تەرەپنىڭ رايونلۇق، يەرلىك ۋە خەلقئارالىق مەنىدە ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ سابىق باياناتچىسى فادى ئەل قازىمۇ ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «مىسىر سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى سىياسى تۈستىنمۇ ھالقىپ كەتكەن بىمەنە قاراردۇر»دېدى. 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر