خىتايدا بىر يولۇچى ئاپتوبۇسى تاغدىن دومىلاپ چۈشتى

خىتايدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ھازىرچە 35 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

276778
خىتايدا بىر يولۇچى ئاپتوبۇسى تاغدىن دومىلاپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا بىر يولۇچى ئاپتوبۇسى تاغدىن دومىلاپ چۈشۈپ 35 كىشى ئۆلدى.
خىتايدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ھازىرچە 35 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىي ئۆلكىسىگە قاراشلىق شىئەنياڭ شەھىرىدە 46 كىشىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر يولۇچى ئاپتوبۇسى 30 مېتىر ئېگىزلىكتىن دومىلاپ چۈشكەن. ۋەقەدە 35 كىشى ئۆلگەن. يارىدارلار دەرھال دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان.
يارىدارلاردىن 5 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر