ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنى ماق

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دۆلەت مەجلىسىگە ئىران بىلەن بولغان يادرو مۇزاكىرىلىرىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى تەستىقلاش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقى بېرىدىغان قانۇن تەكلىپىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.

275577
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنى ماق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتە ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدا قوبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپى ئاخىرقى قېتىم ئاۋام پالاتاسىدا مۇزاكىرە قىلىندى. 25 كە قارشى 400 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن 6، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن 19 پالاتا ئەزاسى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپى ئىمزالىشى ئۈچۈن پىرېزىدېنت باراك ئوباماغا سۇنۇلىدۇ. باراك ئوباما، يادرو مۇزاكىرىلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىشىغا قاتتىق قارشى چىققان، بىراق كېيىنچە ئىككى پارتىيەنىڭ مۇرەسسەلىشىشى نەتىجىسىدە ھازىرلانغان يېڭى قانۇن تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر