پاكىستاندا تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى
پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا تالىبان نىشان قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا پاكىستانلىق، ئافغانىستانلىق ۋە ئۆزبېكىستانلىق 17 تېررورىست ئۆلتۈرۈلدى.
276042
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆلتۈرۈلگەن تېررورىستلار پاكىستاندىكى تاھرىقى تالىبان گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.
پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تاغلىق شەۋۋال رايونىدىكى تالىبان مىلىتانلىرىغا ئائىت پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى بومباردىمان قىلدى ھەمدە تالىبانلارنىڭ قورال – ياراغلىرى بىلەن ئوق – دورىلىرىنى يوقاتتى.
ھەربىي ھەرىكەتنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى تاھرىقى تالىبانلىرىنىڭ كاراچىدا 43 شىئەنى ئۆلتۈرۈشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىدى.