فىرانسىيە ساقچىلىرى كۆچمەنلەرگە زوراۋانلىق قىلدى
فىرانسىيەنىڭ كالىياس شەھىرىدە ساقچىلار قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زوراۋانلىق قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى ئۆتكەن ئاي فىرانسىيەنى كالىياس شەھىرىدىكى«قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ شەرت-شارائىتلىرىنى ياخشىلاش»قا چاقىرغانىدى. بىراق بۇ ھەپتە بۇ شەھەردىكى كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا دۇچ كەلدى.
فىرانسىيە ساقچىلىرى بىر يۈك ماشىنىسىنىڭ يوشۇرۇن جايلىرىدا ئەنگلىيەگە قاچماقچى بولغاندا قولغا چۈشۈرگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. ساقچىلارنىڭ بۇ قىلمىشى سۈرەتكە ئېلىنىپ قالدى.
ۋىدىئودا ساقچىلار قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قاتتىق ئۇرغاندىن كېيىن يول توساقلىرىنىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر تەرەپكە تاشلايدۇ، كۆچمەنلەرگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىدۇ.
بۇ ۋىدىئونىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە قارىتا، كىشىلىك ھەق-ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قىلىنغان بۇ قىلمىشقا نارازىلىق بىلدۈردى.
ساقچى ئەمەلدارلىرىمۇ مۇساپىرلارغا ناچار مۇئامىلە قىلغان ساقچىلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە قارىتا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كازنوۋ بىلەن كالياس شەھەر ھۆكۈمەت باشلىقى ناتاشا بۇشار رايوندىكى مۇساپىرلارنى يوقلىدى. كازنوۋ مۇساپىرلارنى ئەنگلىيە ئارقىلىق فىرانسىيەگە كېلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.