ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرىدە كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى

ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان مەسىلىلەرنى تېكىست ھالىتىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى باشلىدى.

271642
ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرىدە كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئۆتكەن ئاي ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنى تېكىست ھالەتكە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى ئاۋسىتىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا باشلىدى.
كېلىشىمنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنىڭ 3-ئىيۇنغىچە تەييارلىنىپ بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت بىلەن ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار ۋە كېلىشىمەسلىكلەر بارلىقىنى ئېيتقان ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەييىد ئاراكچى، 1-ئىيۇلغىچە ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ پۈتۈنلەي ھاسىل بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
ئىران ئېمبارگولارنىڭ پۈتۈنلەي بېكار قىلىنىشىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت بولسا، ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى تامامەن تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. مۇزاكىرىلەرنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە 15-مايغىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت ئارىسىدا 2015-يىلى 2-ئاپرېلدا شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان، شۇنداقلا ئاخىرقى كېلىشىمنى 30-ئىيۇنغىچە ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ۋۇجۇدقا چىققان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر