يەمەننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سالىھنىڭ ئۆيى بومباردىمان قىلىندى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا بىرلەشمە كۈچلەر يەمەننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ پايتەخت سانئادىكى ئۆيىنى بومباردىمان قىلدى.

269196
يەمەننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سالىھنىڭ ئۆيى بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سالىھقا تەۋە ‹خەۋەر› ئاگېنتلىقى، ئايروپىلانلارنىڭ سابىق پىرېزىدېنتنى ئۆيىگە قاراتقان ئۈچ قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ئەتراپتىكى ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، سالىھ ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن بىرمۇ كىشىگە زىيان يەتمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سابىق پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا ئۆزىنىڭ بىر ئۆينىڭ خارابىلىكى ئالدىدا قولىدا بىر مىكروفوننى تۇتقان ھالەتتە پۇقراچە كىيىم بىلەن تارتىلغان بىر پارچە سۈرىتىدىن باشقا «بۈگۈن ئەتىگەن خارابىلىك ئاستىدىن چىقىرىۋېلىنغان نەۋرەم كەنئان» دېگەن خەت بىلەن بىرلىكتە نەۋرىسىنىڭ بىر پارچە فوتو – سۈرىتىنى ئورتاقلاشتى.

سالىھنىڭ ئۆيىنى ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپتىن سۈرەتكە ئېلىشقا ئۇرۇنغان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خادىملىرىمۇ ئىككىنچى قېتىملىق بومباردىماندىن ئاران تەستە قۇتۇلۇپ قالدى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى خادىملىرى، سۈرەتكە ئېلىپ بولۇپ نەق مەيداندىن ئايرىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا مەيدانغا كەلگەن ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ ئۆزلىرى ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندا يۈز بەرمىگەنلىكىگە ‹تەلەي› دەپ باھا بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، يەمەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تەئىز شەھىرىدە ھۇسىي ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ھادىنى قوللايدىغان ‹خەلق كومىتېتلىرى› ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار قايتىدىن ئەۋج ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر