رۇسىيەنىڭ تەكلىپى شىئە ھۇسىلەرنى خوشال قىلدى

شىئە ھۇسىلەر رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.

269187
رۇسىيەنىڭ تەكلىپى شىئە ھۇسىلەرنى خوشال قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەند ھۇسى ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى رۇسىيەنىڭ ئاپرېل ئېيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يەتكۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
يەمەن خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇسىلەرنىڭ باياناتچىسى شەرەف گالىپ لوكمان، رۇسىيەنىڭ يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى ۋە يەمەن خەلقىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارغا قارشى چىققان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يەمەندە ھەربىي ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن تىراگىدىيەلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان لوكمان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا دۆلەتلىرىنى يەمەنگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىش ۋە يەمەنگە ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.
بۇ ئارىلىقتا، ھۇسىلەرگە تەۋە ئەل-مەسىرا تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىمۇ، ھۇسىلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە «يولسىز ئېمبارگولارنىڭ دەرھال بېكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. يەمەنلىكلەرنىڭ قايغۇلىرىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان ھەر قانداق قەدەملەرنى يېقىندىن قوللايمىز» دېيىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ باياناتچىسى گېنېرال ئەھمەد ئەل ئەسىرىمۇ پايتەخت رىيادتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۇسىلەرنىڭ يەمەنگە ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن 12-مايدىن باشلاپ 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىغا سەلبىي ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسىرى 24 سائەتتە ھۇسىلەرنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا تەخمىنەن 130 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 100 ھەربىي بازىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇملاردا ھۇسىلەرنىڭ 17 كاتتىۋېىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەسىرى «48 سائەت ئىچىدە ھۇسىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر