ئىراقتىكى بىر تۈرمىدە مەھبۇسلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى
ئىراقنىڭ دىيالە شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە مەھبۇسلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى.
268540
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقەدە 6 گۇندىپاي بىلەن 30 مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خالىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرمىدىكى قاتتىق تەكشۈرۈش جەريانىدا مەھكۇملار ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىققان، مەھبۇسلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گۇندىپايلارنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋالغان. دەل بۇ پەيتتە پاتىپاراقچىلىق يۈز بەرگەن، نەتىجىدە 30 مەھبۇس بىلەن 6 گۇندىپاي ئۆلگەن، تېررور گۇماندارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 مەھبۇس قېچىپ كەتكەن.