خىتايدا قاتتىق يامغۇر ۋە بوران - چاپقۇن ئاپەتلىرى يۈز بەردى
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدىكى قاتتىق يامغۇر ۋە بوران - چاپقۇن ئاپەتلىرى نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە كۈندىلىك ھاياتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
268049
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىنى ئۇچۇرتۇپ كەتكەن بوران - چاپقۇن دەل – دەرەخلەرنىمۇ قومۇرۇپ تاشلىدى.
ئۇدا بىرقانچە سائەت ئۈزلۈكسىز ياغقان يامغۇر نەتىجىسىدە شەھەر مەركەزلىرىدىكى يوللار كۆلگە ئايلىنىپ كەتتى، بىر قىسىم ئايروپىلان سەپەرلىرى بىكار قىلىندى.
يېزا – قىشلاقلارمۇ يامغۇر ۋە بوران - چاپقۇن ئاپەتلىرىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يامغۇر ۋە بوران - چاپقۇن ئاپەتلىرى ھەممە ياققا تەھدىت سېلىۋاتقان رايونلاردا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.