ئامېرىكا بىتەرەپ رايون تەشكىل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

بەششار ئەسەد مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدە بىتەرەپ رايون تەشكىل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

265657
ئامېرىكا بىتەرەپ رايون تەشكىل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بىتەرەپ رايون تەشكىل قىلىش مەسىلىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 2016 – يىللىق خام چوتىغا مۇناسىۋەتلىك پالاتا چىقىم ئىشلىرى كومىتېتىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى.
ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارتىن دېمپسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى، ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابى ۋە تۈرك كەسپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.
دېمپسى، ناھايىتى جىددىي سىياسىي قارارنى تەقەززا قىلىدىغان بۇ مەسىلىنىڭ قوشۇمچە چىقىمغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەشتېن كاتېرمۇ «بىتەرەپ رايونلار» نىڭ بىخەتەرلىكىنى قانداق قوغداش مەسىلىسىنىڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كارتېر مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن بىتەرەپ رايون تەشكىل قىلىشىمىز، ئارقىدىن بىتەرەپ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم.»
يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ خلور گازى ئىشلىتىپ ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر