ئەسەد مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلدى
بەششار ئەسەد مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلدى، ئەسكەرلىرىگە تەسەللىي بېرىشكە تىرىشتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسى ئىدلىب قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەردە ئۆكتىچىلەرگە يېڭىلدى. بەششار ئەسەد بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلدى. پايتەخت دەمەشقتىكى بىر مەكتەپتە خەلققە خىتاب قىلغان ئەسەد، ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئۇرۇشتا يېقىندىن بۇيان بەزى جايلاردا يېڭىلگەنلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ئەسكەرلەرگە تەسەللىي بېرىشكە تىرىشتى. ئۇرۇشلاردا ئارمىيەلەرنىڭ مەغلۇب بولۇشىنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەسەد، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەرگە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719184237)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.