تايلاندتا ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئەۋجىگە چىقتى
تايلاندتىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى قىلمىشلىرىغا ھەربىيلەرنىڭمۇ چېتىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
![تايلاندتا ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئەۋجىگە چىقتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/10-11/Files/UploadedImages/5285548684taylandvahet.jpg?time=1719199568)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاندتىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى قىلمىشلىرىغا ھەربىي خادىملارمۇ چېتىلىپ قالدى.
تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە تەۋە لاگېرلاردا ياشاۋاتقان روخىڭيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن تىراگىدىيەلەردە بەزى ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭمۇ قولى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تايلاند باش مىنىستىرى پىرايۇس چان ئوچا تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى يەرلىك دائىرىلەرگە كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان لاگېرلارنى تاقىۋېتىش ئۈچۈن 10 كۈن مۆھلەت بەردى.
تايلاند ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقى ئۇدومېج سىتابۇتر ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىغا چېتىلىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سوڭكلاتىكى بىر قومانداننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋەتكەنلىكىنى، تۆت ئەسكەرنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719199569)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.