گېرمانىيەدە ئىرقچىلىق تالاش-تارتىشى يېڭىدىن باش كۆتۈردى

گېرمانىيەدە تۆت نەپەر رادىكال مىللەتچىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ئىرقچىلىق تالاش-تارتىشىنىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى.

266083
گېرمانىيەدە ئىرقچىلىق تالاش-تارتىشى يېڭىدىن باش كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە بىر رادىكال مىللەتچى تەشكىلاتنىڭ 4 ئەزاسىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى بىلەن، ئىرقچىلىق تالاش-تارتىشى يېڭىدىن باش كۆتۈرۈلدى.
ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىلىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىگىشلىك چارە تەدبىرلەرنى يولغا قويمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
گېرمانىيە ئىنسان ھەقلىرى ئىنىستېتۇتى چەتئەللىكلەرگە دۈشمەنلىكىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بەزى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىنىستېتۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى مۇساپىرلار ئورۇنلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن چەتئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، تىگىشلىك ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلمىغان.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى رادىكال مىللەتچىلىك ۋە ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشتا قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى. گېرمانىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن بىر ھەيئەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋە ئىشخانىسىدىكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىدا دوكلات بېرىپ، چەتئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش ۋە ئىرقچىلىقنىڭ گېرمانىيە جەمئىيىتىدىكى ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرىدە زور ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ساھەدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا بۇ قىلمىشلارنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر