ئەسەد كۈچلىرىنىڭ خلور گازى ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان ئىدلىب شەھىرىنىڭ سەراقىب ناھىيەسىنى خلور  گازلىق بومبىلارنى ئېتىپ بومباردىمان قىلدى.

259353
ئەسەد كۈچلىرىنىڭ خلور گازى ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇم ئاياللار ۋە بالىلار قوشۇلۇپ جەمئىي 40 كىشىنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. گازدىن زەھەرلەنگەنلەر ناھىيە تەۋەلىكىدىكى سەھرا دوختورخانىلىرىدا بالنىستقا ئېلىندى.

سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى خالىد خوجا پەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش قارارىنى پىسەنتكە ئالمىغان سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ كلور گازى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە كېڭەشنىڭ بۇ جەھەتتە قەدەم تاشلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر