سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىرلەشتى

سۈرىيەدىكى 15 ئۆكتىچى گۇرۇپپا تېررورلۇق تەشكىلاتى YPG نىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرى ۋە ئاشقۇن ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى قارار قىلدى.

259351
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىرلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا، بىرلىشىش قارارىنىڭ شەھەردىكى شەيخ مەقسۇد مەھەللىسىدىكى ئاھالىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، «YPG نىڭ قايتىلانغان ھۇجۇملىرى رايوننىڭ كورد ۋە ئەرەبلەردىن تەشكىل تاپقان ئاھالىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرگەن بولغاچقا، ئۇلار ھەق – ھوقۇق ۋە ئار – نومۇسلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزدىن ياردەم قىلدى» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى.

بىرلەشكەن مەزكۇر گۇرۇپپا، YPG گە خەلققە يامانلىق قىلغان ئەزالىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن بۈگۈن كېچىگىچە مۆھلەت بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

شەيخ مەقسۇد رايونى ئاھالىسى، «YPG قىسىملىرىنىڭ مەھەللىدە ئولتۇرىدىغان بىر ئەرەب ئايالنى ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىنى قارارگاھ قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن مۇسادىرە قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈنۈگۈن نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر