ئىتالىيەدە Expo 2015 كۆرگەزمىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئىتالىيەنىڭ مىلانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان Expo 2015 كۆرگەزمىسىگە ئامېرىكىنىڭ fast food شىركەتلىرىنىڭ قاتناشتۇرۇلماسلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
258661
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىنچ باشلانغان نامايىشتا ئامما ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا مەنسۇپ گۇرۇھلار بىردىنلا ۋەزىيەتنى قالايمىقان قىلىۋەتتى.
ئەتراپتىكى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىۋەتكەن نىقابلىق ئۇنسۇرلار بىر قىسىم ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ بەردى ھەمدە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تاش ۋە كەلتاكلەر بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى.
10 ساقچى يارىلانغان ۋەقەلەردە كۆپ ساندىكى نامايىشچىلار قولغا ئېلىندى.