«تۈركىيە – ئەرمېنىيە» لايىھەسى ئوباماغا سۇنۇلدى

پىرېزىدېنت باراك ئوبامانى «تۈركىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ھەققانىي، مۇقىم ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چاقىرغان» قارار لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلدى.

255892
«تۈركىيە – ئەرمېنىيە» لايىھەسى ئوباماغا سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋام پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزاسى پىت سېشېنز قوللاۋاتقان « H.RES.226» نومۇرلۇق قارار لايىھەسى ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا ئەۋەتىلدى. «باراك ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ 2009 – يىلدىن بېرى تۈركىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى» ئەسكەرتىلگەن لايىھەدە، «ئوبامانىڭ شۇ يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مېۋە بېرىشكە باشلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، ئەمما قايتىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى زاماندىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقى» قەيت قىلىندى. بۇ نۇقتىدا مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، «تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى كەلگۈسى 100 يىل ئىچىدە، ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرىگە ئاساسلىنىدىغان ھەققانىي، ئىلمىي، مۇقىم ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەرىقىسىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش» قا چاقىرىق قىلىندى. تۈركىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى دەريا تاشقىن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈركىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكىگە ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلغان قارار لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقى» نى جاكارلىدى. ئىنىستىتۇتنىڭ كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ۋە سابىق تېكسېس پارلامېنت ئەزاسى سالېمېن ئورتىز بولسا، «ئاۋام پالاتاسىغا تۇنجى قېتىم تۈركىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى نىشان قىلىنغان بىر قارار لايىھەسى سۇنۇلدى، پالاتادىكى كەسپداشلىرىمنىڭ بۇ مۇھىم لايىھەنى قوللىشىغا تىلەكداشمەن» دېيىلدى.
ئىلگىرىمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى كۇرت كىلسېن، پالاتاغا سۇنۇش مەقسىتىدە قارار لايىھەسى ھازىرلىغان، لايىھەدە ئوبامانى تۈركىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشقا چاقىرغانىدى. لايىھەدە پىرېزىدېنت باراك ئوباماغا، «1915 – يىلقى ۋەقەلەرنىڭ بىتەرەپ، ھەققانىي ۋە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى دائىرىسىدە تۈركىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇش» تەكلىپى سۇنۇلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر