پەشمەرگەلەر كوبانىدىن ئايرىلدى

بۇنىڭدىن 6 ئاي ئىلگىرى كوبانىغا ئەەۋەتىلگەن پەشمەرگەلەر ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى تاماملاپ قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدىن ئايرىلدى.

255896
پەشمەرگەلەر كوبانىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىراق كۈرت ھۆكۈمىتى تۈركىيە ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، ئى ش ئى د گە قارشى ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن 150 كىشىدىن تەشكىل تاپقان تۇنجى تۈركۈمدىكى پەشمەرگە قىسمىنى كوبانىغا ئەۋەتكەنىدى.
ئۇدا بىرقانچە ھەپتە داۋاملاشقان توقۇنۇشلارغا ئىشتىراك قىلغان پەشمەرگەلەر كوبانى يېزىسىنىڭ PYD كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈشىدىن كېيىن گۇرۇپپىلار ھالىتىدە ئىراققا قايتىشقا باشلىغانىدى.
كوبانىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە 112 كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئاخىرقى قىسىم، شانلىئۇرفا ئايرودۇرۇمىدىن ئايروپىلان بىلەن ئەربىلگە قايتتى. پەشمەرگەلەرنىڭ قورال - ياراغ قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى بولسا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ھابۇر چېگرا ئېغىزىغا قاراپ يولغا چىقتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر