نېپالدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4000دىن ئاشتى

نېپالدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 4000دىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

252907
نېپالدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4000دىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپالدا 24-ئاپرېلدا مەيدانغا كەلگەن 7.9 بال يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4000دىن ئېشىپ كەتتى.
مىڭلارچە كىشىنىڭ ھېلىھەم ئىزدېرىكى بولمىغان دۆلەتتە ماددىي ۋە مەنىۋى زىياننىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىپ بېرشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئاپەت رايونىغا تۈنۈگۈن يېتىپ بارغان تۈرك ئەترەتلىرىمۇ قوشۇلدى.
بۇ ئارىلىقتا خىتاي ئەۋېرېستنىڭ شىمال قىياسىغا يامىشىش مۇسابىقىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. نېپالغا ئېغىر زەربە بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا 61، تىبەتتە 20 ئادەم قازا قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر