ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە چارە ئىزدىمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىريۇسسېلدا توپلىنىپ، ئاقدېڭىزدا كۆچمەنلەر پاجىئەسىنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ئېلىنىشى كېرەك بولغان تەدبىرلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

248066
ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە چارە ئىزدىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدا چاقىرغان يىغىنىدا، ئاقدېڭىزدا ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسك ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى ۋە قالايمىقان كۆچۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا، قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان، ئىتالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ترىتون ۋە گىرېتسىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى پوسېيدون ھەرىكىتىگە ئاجرىتىلغان خامچوتنى ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىش قارار قىلىندى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنىغا، ئادەم ئەتكەسچىلىرى ئىشلىتىدىغان كېمىلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن بايقاش ۋە يوق قىلىش «ھەربىي ھەرىكەتلىرى» گە تەييارلىق قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى.
يىغىندا، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىستىخباراتلارنى ئورتاقلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇقلۇق چېگرالىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن لىۋىيەنىڭ قوشنىلىرىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يەنە، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە، «كىشىلىك ھوقۇق ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىلەن غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىردى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەيد رائاد ئەل ھۈسەيىن، مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى ئانتونىيو گۇتېررىس، خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتى دىرېكتورى ۋىليام لېيسى سۋىڭ ۋە خەلقئارا كۆچ ئالاھىدە ۋەكىلى پېتېر سۇزېرلەند قاتارلىق كىشىلەر ئېلان قىلغان ئورتاق يازما باياناتتا، ئاقدېڭىزدا ياۋروپاغا بېرىشقا ئۇرۇنغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى مۇساپىر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك قەدەملەرنى بېسىش چاقىرىق قىلىندى.
ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2014 – يىلى 219 مىڭ ئادەم ئاقدېڭىز ئارقىلىق ياۋروپاغا يېتىپ بارغان. يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە بولسا، 3500 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئۆتكەن ھەپتە ئاقدېڭىزدا يۈز بەرگەن كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار بىلەن، بۈگۈنكى سان 1600 غا يەتكەن بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر