ئافغانىستاندا قورال ئامبېرى پارتلاپ كەتتى

پارتلاش نەتىجىسىدە 10 نەپەر ساقچى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 17 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ۋە 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

244132
ئافغانىستاندا قورال ئامبېرى پارتلاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا قورال ئامبېرىدا پارتلاش يۈز بەردى.
ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قاندىھار ۋىلايىتىدە بىر ساقچى پونكىتىنىڭ قورال ئامبېرىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
قاندىھار ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى زىيا دۇررانى پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەر ئىككىسى پۇخرا ئىكەنلىكىنى ۋە بىرسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زىيا دۇررانى پارتلاش نەتىجىسىدە 10 نەپەر ساقچى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 17 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.
يارىدارلاردىن بەزىلەرنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى ۋە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر