مۇرسى قاتارغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە
مىسىر دائىرىلىرى، مۇھەممەد مۇرسىنى «قاتار دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ سوتلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
242992
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر دائىرىلىرى، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ۋەزىپىسىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنى «قاتار دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ سوتلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇرسى قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان ئالدىنقى قېتىملىق سوتىدا ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ‹ئەيىبلەشلەر سەپسەتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەنىدى.
باش تەپتىشنىڭ ئەيىبنامىسىدە، مۇرسى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى قاتار دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا 1 مىليون دوللارغا سېتىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.