خامەنېي: تەھدىتنىڭ مەنبەسى ئىران ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ دەل ئۆزى
ئىراننىڭ روھانى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي، ئىراننىڭ يادرو قورالى ياسايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ بىر ئۇيدۇرمىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ روھانى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي، بۇ ھەپتە باشلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يادرو سۆھبىتىدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، تەھدىتنىڭ ھەقىقىي مەنبەسىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىكەنلىكىنى، ئىراننىڭ يادرو قورالى ياسايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ بىر ئۇيدۇرمىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.
ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – فارس مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن خامەنىې، «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى تەھدىتنىڭ مەنبەسى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، يادرو قورالى ئەپسانىسىنى تېپىپ چىقىشتى. ئۇنداق ئەمەس، تەھدىتنىڭ مەنبەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دەل ئۆزى» دېدى.
ئۇ يەنە ھەربىي قوماندانلارغا خىتاب قىلىپ، «يەنە بىر نۇقتا، بىزگە پىلانلىق ھالدا خېجىل بولماستىن ھەربىي مۇداخىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالماقتا... گەرچە بۇ تەھدىتلەرنى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، بىز تەييار تۇرىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/de7a/4a07/b475/666eac96c0472.jpg?time=1719215063)
ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلش جەريانىدا 1301 كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.