ئىراق تېررولۇق ھۇجۇملىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى

بۇ ئارىلىقتا باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان 5 ئايرىم - ئايرىم ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ 40 كىشى ئۆلدى ۋە 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى.

240832
ئىراق تېررولۇق ھۇجۇملىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدات ۋە ئەربىل شەھىرى تېررولۇق ھۇجۇملىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى.
ھۇجۇمدا 2 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى بىلەن قوشۇلۇپ 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئەربىلدىكى ھۇجۇمدا ئامېرىكا كونسۇلى ھۇجۇم نىشانى قىلىندى. بومبا ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 2 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى بىلەن قوشۇلۇپ، 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ھەمدە 5 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى بىلەن قوشۇلۇپ، 10 كىشى يارىدار بولدى. ھۇجۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
ئامېرىكا كونسۇلى خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمدا ھېچ قانداق زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئارىلىقتا باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان 5 ئايرىم - ئايرىم ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ 40 كىشى ئۆلدى ۋە 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى.
ھۇجۇملارنىڭ نىشانى باغداتتىكى شىئە مەھەللىرى ۋە دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلغان سۈننى ساھۋا ئەترىتى بازىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇمنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر