دائېش راستىنلا خىتاي ۋە كاۋكازغا كېڭىيىش ئالدىدىمۇ؟

دائېشنىڭ كاۋكاز ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتايغا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسلىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

239743
دائېش راستىنلا خىتاي ۋە كاۋكازغا كېڭىيىش ئالدىدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش راستىنلا خىتاي ۋە كاۋكازغا كېڭىيىش ئالدىدىمۇ؟
«خەۋەر 7 گېزىتى» «يېنى سۆز گېزىتى»نى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، سۈرىيە ۋە ئىراقتا قاپسىلىپ قالغان تېررولۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىنى كاۋكاز رايونىغا يۆتكىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى يازدى.
خەۋەردە مۇنۇ ئۇچۇرلار ئەسكەرتىلدى:
رۇسىيە ئىستىخباراتى مۇئاۋىن مۇدىرى سېرگېي سمىرنوۋ، دائېشنىڭ شىمالىي كاۋكاز رايونىدىن قوللىغۇچى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)غا ئەزا ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۆلەتنىڭ دائېشنى كاۋكازغا يۈزلەندۈرۈپ، ئارقىدىن خىتايغا كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا رۇسىيەنىڭ جىددىي تەدبىر ئېلىشنىڭ كويىدا بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە ئىستىخباراتى ئەمەلدارى «دائېشنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىنى شىمالىي كاۋكازغا يۆتكىگەنلىكى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتايغىچە كېڭەيگەنلىكى بولىدۇ» دېگەن قارىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن تېررولۇققا قارشى يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى سۈپىتىدە، دائېشنىڭ كاۋكاز، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتايغا بازا قۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسلىسىنى تالاش – تارتىش قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دائېش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن پاكىستاندىمۇ كۈچلۈك قوللاشقا ئىگە بولۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇلارغا زادى قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسلىسىدە تېخىچە بىر قارارغا كېلەلمىدى.
ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، ناتونىڭ تېررولۇققا قاراتقان سىياسىتىنى ئانچە قوللاپ كەتمەيدىغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىدىن پايدىلانماقچى بولىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
سېرگېي سمىرنوۋ، تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون خاراكتېرلىك تېررولۇققا قارشى كېڭەش يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەلقئارا تېررورلۇق تەشكلاتى دائېشنىڭ شىمالىي كاۋكازدا «كاۋكاز ئەمىرلىكى»گە ئوخشاش تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكىلىق ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى بىرېزىنىسكىمۇ دائىش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىدا، دائىشنىڭ كاۋكاز رايونىغا كېڭىيىپ كېتىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
تېررورىزم مۇتەخەسسىسلىرىمۇ دائېشنىڭ كۈچىنى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى مەۋجۇت قۇرۇلمىسىنى قوغداپ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئەمما يېتەرسىز قالغان ئەھۋالدا، بۇ يەردىن چېكىنگەن ئەزالىرىنى ھاكىمىيەت بوشلۇقى بولغان، بولۇپمۇ خەلقى ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان رايونلارغا يۈزلەندۈرىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ خىل تەشكىلاتلارنىڭ خەلقى كەمسىتىشكە، چەتكە قېقىشقا، زۇلۇم ۋە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەردە تېز يىلتىز ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئافرىقىدىكى بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ دائېشقا بەيئەت قىلغانلىقىنى مسال كۆرسەتكەن ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر