پاكىستان ‹گاخۇرى› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى

پاكىستان 1990 – يىللاردا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان گاخۇرى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

237545
پاكىستان ‹گاخۇرى› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى، يادرو ئوق بېشى ۋە ئادەتتىكى ئۇرۇش ئوق باشلىرىنى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ‹گاخۇرى› ناملىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئېتىش مۇساپىسى 2000 كىلومېتىر ئەتراپىدىكى ‹گاخۇرى-2› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۇنجى قېتىم 1999- يىلى سىناقتىن ئۇتۇقلۇق ئۆتكەنىدى.

پاكىستاننىڭ ئېتىش مۇساپىسى 3000 كىلومېتىرغا يېتىدىغان ‹گاخۇرى-3› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى روياپقا چىقىرىش خىزمەتلىرى توختاۋسىز داۋام قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر