گىرېتسىيە ‹يالغۇز› ئەمەسلىكىنىڭ سىگنالىنى بېرىشكە تىرىشماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مالىيە مەسىلىسى بويىچە سۈركىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان گىرېتسىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۆزىنىڭ ‹يالغۇز ئەمەس› لىكىنىڭ سىگنالىنى بېرىشكە تىرىشماقتا.

237647
گىرېتسىيە ‹يالغۇز› ئەمەسلىكىنىڭ سىگنالىنى بېرىشكە تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى چىپراس موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، مۇداپىئە مىنىستىرى پانوس كاممېنوسمۇ موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. كاممېنوسنىڭ زىيارىتى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.

رۇسىيە رېئا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن پانوس كاممېنوس، رۇسىيەدىن يېڭى S-300 تىپلىق ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقا قوراللارنى سېتىۋالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، گىرېتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان S-300 تىپلىق ئۇزۇن مۇساپىلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئىگە بىردىنبىر ئەزاسى ئىكەن.

كاممېنوس، «رۇسىيەدىن سېتىۋالغان قورال سىستېمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، يېڭى سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ ھەربىي لازىمەتلىكلەر بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

گىرېتسىيە 2013- يىلى تۇنجى قېتىم ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر