ئامېرىكا پالاتاسى ئىران قانۇن لايىھەسىدە يارىشىش ھاسىل قىلدى

ئامېرىكا پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى بىردەك قوبۇل قىلدى.

236109
ئامېرىكا پالاتاسى ئىران قانۇن لايىھەسىدە يارىشىش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى، دۆلەت مەجلىسىنى ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يادرو سۆھبىتى جەريانىدا ھاسىل قىلىنغۇسى ھەل قىلغۇچ كېلىشىمنى ماقۇللاش ياكى رەت قىلىش سالاھىيتى بىلەن تەمىنلەش مەزمۇن قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى بىردەك قوبۇل قىلدى.

پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەسلەپكى نۇسخىسىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسى، بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، كومىتېتتا 19 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

بۇ قانۇن لايىھەسى، تېھراننىڭ يادرو قورالى ياساپ چىقىشىنى توسۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ بوشىتىلىشىنى مەزمۇن قىلىدىغان بىر ھەل قىلغۇچ كېلىشىمنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىگە بېرىلگەن 60 كۈنلۈك مۇددەتنى 30 كۈنگە قىسقارتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جەرياندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما، پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسى ئېلان قىلىپ، ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ، لېكىن، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ.

كېلىشىم دۆلەت مەجلىسىگە 9- ئىيۇلدىن كېيىن تاپشۇرۇلغان تەقدىردە، كۆزدىن كەچۈرۈش مۇددىتى قايتىدىن 60 كۈنگە چىقىدۇ. پالاتا ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان قانۇن لايىھەسىنىڭ پالاتانىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر