ئامېرىكىدا ساقچى زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىدا يەنە ساقچى زوراۋانلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

235785
ئامېرىكىدا ساقچى زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا نۇرغۇن كىشى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن نىيۇيوركتىن ۋاشىنگىتونغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
402 كىلومېتىرلىق يولنى 9 كۈندە بېسىپ ئۆتۈشنى پىلانلىغان تەخمىنەن 1000 كىشى يۈرۈش ھەرىكىتىنى ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان قارا تەنلىك ئېرىك گارنېر ئۆلۈپ كەتكەن سىتېيتىن ئىسلەند رايونىدىن باشلىدى.
گارنېر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ساقچىلارنىڭ زورۋانلىقىنى ئەيىبلەپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا توۋلانغان «نەپەس ئالالمايۋاتىمەن» دېگەن شوئار چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىۋالغان نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمى «قارا تەنكلىكلەرنىڭ ھاياتى تولىم مۇھىمدۇر» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنىمۇ كۆتۈرۈپ مېڭىشتى.
مەركىزى نىيۇيوركتا بولغان ئەدلىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يۈرۈش ھەرىكىتىگە نىيۇيورك شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىس ئەزاسى جۇمانې ۋىليامىسمۇ ئىشتىراك قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر