ئوباما كۇبا پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

پانامادا ئېچىلغان ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۇبا پىرېزىدېنتى كاسترو قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

233760
ئوباما كۇبا پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پانامادا ئېچىلغان ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى يىغىنىدا، پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن كۇبا پىرېزىدېنتى رائۇل كاسترو قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشتى.
كۇبانىڭ ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى 1962 – يىلى ۋاشىنگتوننىڭ بېسىمى بىلەن توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. ۋاشىنگتون بۇ يىل كۇبانىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرمىدى. پانامادىكى يىغىندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا پاراڭ سېلىشقان ئوباما بىلەن كاسترونىڭ، ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.
ئوباما بىلەن كاسترو 2013 – يىلى ۋاپات بولغان جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى نېلسون ماندېلانىڭ دەپنە مۇراسىمىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ئىدى.
ئوباما 2014 – يىلى دېكابىردا كۇبا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا كۇبانى تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشكە تەييارلانماقتا.
كۇبانىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدە بولۇشى، مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى ۋە ئەلچىخانىلارنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى ئالدىدىكى چوڭ توسالغۇلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر