تايلاندتا بىر كېمە چۆكۈپ كەتتى
تايلاندتا تۈنۈگۈن بىر كېمە ئوت كەتكەندىن كېيىن چۆكۈپ كەتتى.
232435
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقەدە ئىسرائىلىيە پۇقراسى 12 ياشلىق بىر قىز بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
كېمە بىر گۇرۇپپا ساياھەتچىنى كرابىدىن پكۇھېتقا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا ئوت كېتىپ چۆكۈپ كەتكەن، ۋەقەدىن كېيىن 110 يولۇچى بىلەن كاپىتان قۇتقۇزۇۋېلىنغانىدى.
ئوت ئاپىتىنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقى تېخىچە ئېنىقلاپ چىقىلالمىدى.