سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئىككى ساقچى ئۆلتۈرۈلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى ساقچى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

231728
سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئىككى ساقچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر ئاپتوموبىلىدىن ئوق چىقىرىپ، يولدا چارلاۋاتقان ئىككى ساقچىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ۋەقە ھەققىدە دەرھال تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەمما، ھازىرغىچە ھېچقانداق كىشى ياكى تەشكىلات ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.
مارت ئېيىدىمۇ رىيادتا يولدا چارلاۋاتقان ئىككى ساقچى قورال بىلەن يارىلاندۇرۇلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر