بوكو ھارام تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا

ئارمىيە باياناتچىسى سانى ئۇسمان ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇغلۇقتىن تەڭلا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە رايوننىڭ تېررورچىلاردىن تازىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

231021
بوكو ھارام تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېگىرىيەدە بوكو ھارام تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا.
نېگىرىيە ئارمىيەسى بورنو ئىشتاتىدىكى ئالاگارنو رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى بوكو ھارام تەشكىلاتىدىن تارتىپ ئالدى.
ئارمىيە باياناتچىسى سانى ئۇسمان ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇغلۇقتىن تەڭلا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە رايوننىڭ تېررورچىلاردىن تازىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
سانى ئۇسمان لاگېردا بوكو ھارام مىلىتانلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن كومپىيۇتېر ۋە قورال – ياراقلارمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىدار بولۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 7300 دىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر