كېنىيە ئارمىيەسى ئەششەباب لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلدى

كېنىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىق سومالىدىكى ئەششەباب تەشكىلاتىنىڭ ئىككى لاگېرىنى بومباردىمان قىلدى.

228250
كېنىيە ئارمىيەسى ئەششەباب لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنېيە ئارمىيەسى باياناتچىسى، ھەربىي ھەرىكەتتە سومالىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئىككى لاگېرنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى، لېكىن، بومباردىماندا ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

ئەششەباب ئەزالىرى ئۆتكەن ھەپتە گاررىسسادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا ھۇجۇم قىلىپ 148 ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تەشكىلاتقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنىدى.

كېنىيە پىرېزىدېنتى ئۇخۇرۇ كېنياتتامۇ ۋەقەدىن كېيىن بايانات بېرىپ، قىرغىنچىلىق سادىر قىلغان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئەششەباب تەشكىلاتى بولسا، كېنىيە ئەسكەرلىرى سومالى چېگراسىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتمىگەن تەقدىردە، قانلىق ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر، گارىسسا قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 5 كىشىنى قولغا چۈشۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر