فىدېل كاسترو ئارىدىن 14 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خەلقى بىلەن ئۇچراشتى

كۇبانىڭ تىللاردا داستان لىدېرى فىدېل كاسترو ئارىدىن 14 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، كۇبالىقلار بىلەن دىدارلاشتى.

226111
فىدېل كاسترو ئارىدىن 14 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خەلقى بىلەن ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ھاۋانادىكى بىر مەكتەپنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان كاسترو، كۇبالىقلار بىلەن سالاملاشتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان كاسترونىڭ بىر ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ، ئىخلاسمەنلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى مەتبۇئاتقا تارقىتىلدى.

كۇبانىڭ 88 ياشلىق سابىق پىرېزىدېنتى فىدېل كاسترو، 2006- يىلى ۋەزىپىسىنى قېرىندىشى رائۇل كاستروغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. ئۇ ئاخىرقى قېتىم 2014- يىلى يانۋار ئېيىدا خەلق ئارىسىدا كۆرۈنگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر