دائېش سۈرىيەدىكى يەرمۇك مۇساپىرلار لاگېرىنى تارتىۋالدى

دائېش بۇ نۆۋەت سۈرىيەدىكى يەرمۇك مۇساپىرلار لاگېرىنى تارتىۋالدى.

226754
دائېش سۈرىيەدىكى يەرمۇك مۇساپىرلار لاگېرىنى تارتىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە دائېش مىلىتانلىرى بىلەن ئەسەد قىسىمىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە، توقۇنۇشلار باشلىغاندىن بۇيان، لاگېردىن 2000 مۇساپىر تارقاقلاشتۇرۇلدى.
توقۇنۇشلاردا دائېش مىلىتانلىرى، ئەسەد قىسىملىرى ۋە مۇساپىرلاردىن 26 ئادەم ئۆلدى، 25 ئادەم يارىلاندى، لاگېردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنىڭ سانىنىڭ توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
لاگېردا مۇساپىرلار قالغان ئۆيلەر ۋەيران بولدى، توقۇنۇشلار ئىچىدە قالغان كىشىلەر قورقۇنچ ئىچىدە تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس دائېشنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى يەرمۇك لاگېرىدا سۈرىيەلىك ۋە پەلەسىنلىك بولۇپ 160 مىڭ مۇساپىرنىڭ بارلىقىنى، بىراق كېيىنكى ۋەقەلەردە دائېش تەھدىتى سەۋەبىدىن بۇ ساننىڭ 18 مىڭغا تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر