تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۇقنۇشتا 3 تالىبان بىلەن 3 نەپەر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 4 تالىبان يارىدار بولدى.

225763
 تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى سارى پۇل ۋىلايىتىدە تالىبان قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تالىبان قوراللىق كۈچلىرى سارىپول ۋىلايىتى ئەتراپىدا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن توقۇنۇش يۈز بەردى.
تۇقنۇشتا 3 تالىبان بىلەن 3 نەپەر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 4 تالىبان يارىدار بولدى.
ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ۋىلايەتلىرىدىن قۇندۇز بىلەن فەريابتىمۇ تالىبان بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش قىىسملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر