ئىران بىلەن يادرو مۇزاكىرىلىرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى

ئىران بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئالتە دۆلەت يادرو مۇزاكىرىسى سۆھبىتىدە ئاساسلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

223512
ئىران بىلەن يادرو مۇزاكىرىلىرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئېمبارگولار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تەقدىردە، يادرو پىروگراممىسىغا چەكلىمە قويۇشنى قوبۇل قىلدى. ئىران بۇنىڭ بىلەن سېنترىفۇگ سانىنى 19 دىن ئالتىگە چۈشۈرىدۇ. تاغ ئاستىدىكى فوردو يادرو مەركىزىي ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ مەركەز يادرو قويۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، تەتقىقات مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موغەرىنى يېڭىدىن ياسىلىدىغان رېئاكتور قازىنى شەكلىنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ رېئاكتوردا يادرو قورالى ياساشقا يەتكىدەك ئۇران قويۇلدۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگيەسى ئورگىنى ئىراننىڭ ۋەدىسىدە تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
ئىران پىرېزىدېنتى ھاسان رۇھانى كېلىشىم مەزمۇنىنىڭ دەرھال تەييارلىنىدىغانلىقىنى ۋە 30 – ئىيۇنغىچە پۈتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تەرەپلەرنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي پىرىنسىپلارغا ئىگە ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىدى. جون كېررىي كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن كېنتۇچكى ۋە ئۇتاھ زىيارىتىنى كېچىكتۈردى ۋە كېلىشىمگە «تارىخىي» كېلىشىم دەپ باھا بەردى.
پىرېزىدېنت ئوباما كېلىشىمنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ۋە كەڭ دائىرىلىك كېلىشىمگە ئۆزگەرگەن تەقدىردە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىراننىڭ يادرو قورالى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بارلىق يوللارنى تاقىغان كېلىشىمنىڭ، يادرو كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا «ئەڭ ياخشى تاللاش» بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئوباما ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئۇ نېتانياھۇغا بۇ كېلىشىمنىڭ يادرو قورالى ياساشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.
نېتانياھۇ بولسا، كېلىشىمنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى قانۇنىيلىققا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشخۇمارلىقىنى يەنە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نېتانياھۇ بۇ ئەھۋالنىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر