بىرما قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ئىككى يىللىق كېلىشىم تۈزدى

بىرما ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرىشىنى توختاتمىغان قوراللىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا ئىككى يىللىق كېلىشىم تۈزۈلدى.

291303
بىرما قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ئىككى يىللىق كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ھۆكۈمىتى بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلار تۈزگەن كېلىشىم بىلەن، قوراللىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئۆز رايونلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بىرما پىرېزىدېنتى تېيىن سېيىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتتى.
1948 – يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن بىرمادا، قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كۈرىشى توختاپ قالمىدى. بىرمانىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان رايوندا، خىتاي مىللىتىدىن بولغان كوكاڭ ئىسيانچىلىرى بىلەن بىرما قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ئونمىڭلارچە ئادەم يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
بىرمادىكى ئاراكان رايونىدا مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇملار دۇنيانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. بىرما مۇسۇلمانلىرى بۇددىستلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلمەكتە ياكى كۆچۈشكە مەجبۇرلانماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر